باش بەت

ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن

كۈندە 10 مىنۇت

ئوقۇتۇش تەجرىبىسى بولمىسىمۇ بولىدۇ. تۆۋەندىكى تەرتىپنى ھەر كۈنى تەكرارلاڭ.

كۈندىلىك تەرتىپ

  1. 2 min

    1. تەكرارلاش

    تۈنۈگۈنكى ھەرپنى كۆرسىتىپ، ئوقۇپ بېرىشنى سوراڭ. خاتالاشسا ئۆزىڭىز ئوقۇپ بېرىڭ، سوئال قايتىلىماڭ.

    Review. Show yesterday's letter and ask the child to name it. If they miss it, say it yourself and move on — do not repeat the question.

  2. 2 min

    2. يېڭى ھەرپ

    يېڭى ھەرپنى كۆرسىتىڭ، رەسىملىك سۆزىنى ئوقۇڭ. ھەرپنى ھاۋادا چوڭ قىلىپ سىزىپ كۆرسىتىڭ.

    Introduce. Show the new letter with its picture word. Draw it big in the air with your finger so they see the direction before the size.

  3. 3 min

    3. تارتىش

    چېكىتلىك قۇرلارنى تارتىڭ. بىر قۇر يېتەرلىك — پۈتۈن بەتنى تولدۇرۇش شەرت ئەمەس.

    Trace. Trace the dotted rows. One row is enough; filling the whole page is not the goal and tires the hand.

  4. 2 min

    4. سۆز قۇرۇش

    ئۆتكەن ھەرپلەر بىلەن بىر سۆز قۇرۇڭ. ئۇنى ئوقۇپ، ئاندىن يېزىڭ.

    Build a word. Make one word from letters already learned. Read it together, then write it. This is where the letters start to mean something.

  5. 1 min

    5. مۇكاپات

    ۋاراقتىكى يۇلتۇزنى بەلگىلەڭ ياكى بىر چاپلاق قويۇڭ. ھەمىشە بالا قىلالايدىغان ئىش بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇڭ.

    Finish well. Mark a star on the sheet or add a sticker. Always end on something they can already do, so tomorrow feels easy.

مەسلىھەتلەر

كۈندە ئاز، ئەمما ھەر كۈنى

ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇزۇن ئولتۇرغاندىن كۆرە، كۈندە ئون مىنۇت ئۈنۈملۈك.

Ten minutes daily beats an hour once a week. Consistency does the work.

ئۇلانمايدىغان ھەرپلەرنى ئالاھىدە ئېيتىڭ

ا، ە، د، ر، ز، ژ، و، ۇ، ۆ، ۈ، ۋ — بۇلاردىن كېيىن قەلەم كۆتۈرۈلىدۇ. بالىلار ئەڭ كۆپ مۇشۇنىڭدا خاتالىشىدۇ.

ا ە د ر ز ژ و ۇ ۆ ۈ ۋ do not join forwards. Say it out loud every time — it is the single most common mistake.

قەلەمنى قاتتىق تۇتقۇزماڭ

بارماق تالسا توختاڭ. يېزىق مەشىقى ئازابلىق بولسا، بالا يېزىقتىن يىراقلىشىدۇ.

Stop when the hand tires. If writing becomes a chore, the child learns to avoid it — that costs more than a skipped day.

خاتانى تۈزىتىشتىن كۆرە، توغرىسىنى كۆرسىتىڭ

ئۆچۈرگۈچ ئىشلىتىشتىن كۆرە، يېنىغا توغرىسىنى يېزىپ بېرىڭ.

Rather than erasing, write the correct form beside theirs. Comparison teaches faster than correction.

ئاۋاز بىلەن بىللە

ھەرپنى يازغاندا ئاۋازىنى بىللە ئېيتىڭ. كۆرۈش بىلەن ئاڭلاش بىرلەشسە ئېسىدە قالىدۇ.

Say the letter sound aloud while writing it. Sight plus sound sticks far better than either alone.

بۇ بەتنى بېسىپ چىقىرىپ، سوغۇقخانا ئىشىكىگە چاپلاپ قويسىڭىز بولىدۇ.